باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە مىنىستىرلار كارىدورى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى

2017.03.17 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە مىنىستىرلار كارىدورى چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى، 46 مىنىستىرلىق، كومىتېتنىڭ مەسئۇلى بۇ يەردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆز قىلىپ، تۈرلۈك قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

  15-مارت چۈشتىن بۇرۇن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرى چېن جېڭگاۋ، جۇڭگو ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يامىڭ،دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گو جۇڭۋېن، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لو جىۋېي، دۆلەتلىك پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جۈنشېڭ ، دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاڭ جيەنمېڭ قاتارلىق بىر قانچە مىنىستىرلىق كومىتېتنىڭ مەسئۇلى مىنىستىرلار كارىدورىغا كېلىپ، نەق مەيداندىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، 46 مىنىستىرلىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى بۇ يەردە 95 سوئالغا جاۋاب بەردى، مەيلى مائارىپ باراۋەرلىكى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كېچىكىشى بولسۇن ياكى جۇڭگو ئىقتىسادى، چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش سالمىقى بولسۇن، مىنىستىرلار بۇلاردىن قىلچە ئۆزىنى قاچۇرماي سەمىمىي جاۋاب بەردى.

  سوئاللارغا چەك قويۇلمىدى، ئالماشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىلدى. مىنىستىرلار كارىدورىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۈندىدار بىلوگ ئارقىلىق جەمئىيەتتىن توپلانغان، ئىككىنچى پەرزەنتلەر توغرىسىدىكى يۈرۈشلۈك سىياسەتلەر، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ۋېلىسىپىت باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى يېقىنقى مەزگىلدە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر.

  جۇڭگو ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىدۇ. بۇ يىللىق ئىككى يىغىن مىنىستىرلار كارىدورىدا يەنە تۇنجى قېتىم تېلېۋىزور، تور قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق نەق مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى، دۇنيانىڭ نەزىرى يۈز مېتىرمۇ كەلمەيدىغان بۇ كارىدورغا تىكىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر