باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى

__ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ يېپىلىشىدىن خاتىرە

2017.03.17 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەتىياز پەسلىدە، بارچە مەۋجۇدات ئويغىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. 15-مارت چۈشتىن بۇرۇن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى خەلق سارىيىدا يېپىلدى. ئۆتكەن 10 كۈن ئىچىدە، 2800دىن كۆپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن پىكىر-تەكلىپ سۇنۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۈچۈن تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلىدى.

  بۇ يىل پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان بىر يىل، مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، بۇ يىللىق ئىككى يىغىن ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 55 ۋەكىل پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 23 مىليون خەلق ئاممىسىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ۋەكىللەر ئەستايىدىللىق بىلەن 10 كېچە- كۈندۈز قاراپ چىقىپ، پائال چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر