باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا «پەن-تېخنىكا» بىلەن «يېڭىلىق يارىتىش» ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆزگە ئايلاندى

2017.03.17 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «پەن-تېخنىكا» بىلەن «يېڭىلىق يارىتىش» ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆزگە ئايلاندى. ئۆتكەن بىر يىلدىكى بىر يۈرۈش پەن-تېخنىكا زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، «چىيەنلوڭ 2-نومۇرلۇق» تۇنجى كىۋانت سۈنئىي ھەمراھ «مۇزى» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى تەرەققىي قىلىپ، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا يۈكسەك باھا بەردى.

  ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋول كوچىسى گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ تەتقىقات سېلىنمىسى 2009-، 2013-يىللىرى ياپونىيە بىلەن ياۋروپانىڭكىگە يېتىشىۋالدى ھەمدە 2020-يىلدىن بۇرۇن ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ئۈمىد بار. جۇڭگونىڭ مەلۇم ساھەلەردىكى تەتقىقاتى ئاللىقاچان يېتىشىۋالدى، جۇڭگو تىرىشىپ شانلىق تارىخنى قايتا نامايان قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا «قايتىدىن دۇنيانىڭ ئالدىغا» ئۆتمەكچى.

  خەلقئارا مەسلىھەت بېرىش شىركىتى بىماۋىي يېقىندا ئېلان قىلغان «ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىدىغان ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكا» تېمىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەر شارىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى تۆت يىل ئىچىدە سىلىتسىي جىلغىسىدىن باشقا بىر يەرگە يۆتكىلىشى مۇمكىن. زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئىچىدە شاڭخەينى تاللىغانلار ئەڭ كۆپ. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىدىن ئۈمىد بار، ئۇ بەلكىم دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

  2017-يىللىق يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، كىشىلەر 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ قاچان يېتىپ كېلىشىگە تېخىمۇ دىققەت قىلماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر: جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇشىدىن ئۈمىد بار، دېيىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر