باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

"خەلقتىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەقىل پارات ۋە كۈچنى قوبۇل قىلايلى- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش ئومۇمىي خاتىرىسى" ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋىرى تارقىتىلدى

2017.03.17 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 15-مارت "خەلقتىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەقىل پارات ۋە كۈچنى قوبۇل قىلايلى- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش ئومۇمىي خاتىرىسى" ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

  2017-يىلى 11-مارت خەلق سارىيىدا چىراغلار چاقناپ، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئەزالار بىلەن بۇ يەرگە جەم بولدى.

  مۇھەممەد ئىبراھىم مۇھەممەتئىمىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭنىڭ ئارىلىقى شۇنچە يىراق بولسىمۇ، لېكىن باش شۇجىنىڭ قەلبى بىزگە بەك يېقىن ئىكەن.

  ئالدىنقى كۈنى باش شۇجى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇھەممەد ئىبراھىم مۇھەممەتئىمىن سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ باش شۇجىغا مەن يەنە بىر ئىشنى سىزگە دوكلات قىلماقچى، دېدى.

  باش شۇجى قېنى ئېيتىڭ، دېدى.

  ئۇ ئەينى ۋاقىتتا قۇربان تاغا بېيجىڭغا كېلىپ ماۋجۇشى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى، مانا مەن ھازىر شى جۇشى بىلەن كۆرۈشتۈم، دېدى. مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.

  مۇھەممەد ئىبراھىم مۇھەممەتئىمىن مۇنداق دېدى: يېقىندا سىز قۇربان تاغىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە جاۋاب خەت يازدىڭىز. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىنتايىن خۇشال بولدى، ئۇلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ بىر نەچچە پارچە سۈرىتىنى سىزگە بېرىپ قويۇشنى ئېيتقان ئىدى، يەنە ئۇلار ماڭا باش شۇجى خاتىرجەم بولسۇن، بىزنىڭ بۇ يەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسى پارتىيەنىڭ مېھرى شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ، چوقۇم ئانارنىڭ دانىسىدەك مەھكۇم ئۇيىشىمىز، دېدى.

  2015-يىلى جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىغان ئىدى. 4 ئايدىن كېيىن، ئۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، چاڭبەيشەنگە بېرىپ، ئېتىز باشلىرىدا كادىرلار ۋە ئامما بىلەن بىرگە، ئىسلاھات تەرەققىيات پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  2016-يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم خېيلۇڭجياڭ، چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شۇ يىلى 5- ۋە 8-ئايدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ خېيلۇڭجياڭ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. چوڭ ھىنگان ئورمانچىلىق مەيدانى، خېجې يېزىسى، كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش نۇقتىسى، ئۈچ دەريا مەنبەسى ئېكولوگىيەنى قوغداش رايونىدا باش شۇجى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا كۆڭۈل بۆلۈنگەن مەسىلىلەرنى ئېسىدە ساقلاپ، ئەھۋال ئىگىلىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، خەلق ئەھۋالى، ئەل رايىنى تەكشۈردى.

  بۇ يىللىق يىغىندا نۇرغۇن ۋەكىللەر باش شۇجىنى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا تەكلىپ قىلىپ، باش شۇجىنىڭ يۇرتىغا بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. باش شۇجى كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدىم، پۇرسەت بولسا چوقۇم بارىمەن، دېدى.

  ھەر يىلقى ئىككى يىغىندا باش شۇجى ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش مەسىلىسى ھەققىدە ئەڭ كۆپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  2014-يىلى باش شۇجى گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، يەنىمۇ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنى ھەقىقىي نەپكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  2015-يىلى باش شۇجى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قەتئىي چىڭ تۇتۇش، دەل جايىدا تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە چىڭ تۇرۇش، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، ھېساباتنى ئېنىق، ياخشى قىلىش، بىرەر ئاز سانلىق مىللەت، بىرەر رايونىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك.

  2016-يىلى باش شۇجى چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان، ئىستىھكامغا ھۇجۇم قىلىدىغان ھالقىلىق مەزگىل، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، سالماقنى زورايتىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، تېز ئىلگىرىلەپ، ھەممە بىر نىيەت بىر مەقسەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلىش كېرەك.

  بۇ يىل باش شۇجى سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش، قانداق يۆلەش، قانداق چېكىنىش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل جايىدا بولۇشى لازىم، بەزىلىرىگە ئەستايىدىل كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىش كېرەك.

  ھەر يىلقى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش شۇجى قاراپ چىقىش مۇزاكىرىسىگە قاتناشقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ، ئەزالىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلاۋاتقانلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلار بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى پىلانى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

  كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، بۇندىن 4 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن، باش شۇجى شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىدىن كونا شىزاڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن نۇرلاندۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن مۇستەھكەملەپ، 2020-يىلىغىچە پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرگە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ بولۇش ئۇلۇغ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كىشىلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ۋەكىل ۋاڭ چىڭ سۆزىنى ئاياغلاشتۇرغاندا، تەسىرلەنگەن ھالدا بۇيىلارنىڭ " بەخت" دېگەن خەلق ناخشىسىنى ئېيتتى. باش شۇجى ئۇنى ناخشىنى ياخشى ئېيتتىڭىز دەپ ماختىدى ھەمدە ئۇنىڭغا يۇرتداشلارغا بولغان تىلىكى ۋە سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدى، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى.

  ئومۇملۇق، چوڭ ۋەزىيەت كۆزىتىلدى، چوڭ ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى، 1-قېتىملىق يىغىندىن 5-قېتىملىق يىغىنىغىچە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىدىن سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلەشمە يىغىنلىرىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن ئىسلاھات تەرەققىيات زور پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى، خەلقتىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ رەڭگارەڭ-رەڭ دەۋر يۆگىمىچىنى ئاچتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر