باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈپەت تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى 15-مارت باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

2017.03.17 16:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-مارت خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش كۈنى، سۈپەت تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى مەسئۇلىيەتنى سەمىمىيەتكە مۇجەسسەملەش، سۈپەت ئارقىلىق ئىستېمالغا كاپالەتلىك قىلىش باش تېما قىلىنغان 15-مارت تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  تەشۋىقات پائالىيىتىدە سۈپەت تەكشۈرۈش كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئىشخانىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن يۈنپىڭ بۇ ئىدارىنىڭ 2016-يىللىق ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. مەملىكەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش سىستېمىسى مۇھىم نۇقتىنى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قارىتىپ، تۈرلۈك سۈپەتكە خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدىن 36 مىڭغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى؛ دېلوغا چېتىشلىق مال قىممىتى 2 مىليارد 251 مىليون يۈەنگە ؛ تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىنغان چوڭ دېلو ۋە مۇھىم دېلو 1980 گە يەتتى.

  خەن يۈنپىڭ مۇنداق دېدى: سۈپەت تەكشۈرۈش ئۆتكۈر قىلىچى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، مۇنداق ئۈچ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكنى بايقىغىلى بولىدۇ.

  1.بىر تۈركۈم نۇقتىلىق مەھسۇلاتلاردا گەۋدىلىك بولغان سۈپەت مەسىلىسى تۈزەلدى.

  2.بىر تۈركۈم چوڭ مۇھىم دېلولار قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، بىر تۈركۈم تىپىك دېلولار پاش قىلىندى.

  3.تېخنىكىلىق قانۇن ئىجراسىنىڭ رولى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر