باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا «15- مارت» خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

200 كارخانا «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش بويىچە سەمىمىي ئورۇن» بولۇپ باھالاندى

2017.03.17 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى 15- مارت كۈنى 35- قېتىملىق خەلقئارا ئىستېمالچىلار ھوقۇق مەنپەئىتى كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، شۇ كۈنى «توردا سەمىمىي بولۇپ، غەمسىز ئىستېمال قىلىش» تېمىسىدا ئاپتونوم رايوننىڭ «15- مارت» خەلقئارا ئىستېمالچىلار ھوقۇق-مەنپەئەتى كۈنىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى .

  ئاپتونوم رايوندىكى بەزى ئورۇنلار، يەنى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىگە ئەزا ئورۇنلار ۋە قىسمەن كارخانا، ئىستېمالچىلار ۋەكىللىرى مەزكۇر يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق ئورۇنلار، بولۇپمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىگە ئەزا ئورۇنلار بىرلىكتە نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش يىغىنى ئېچىپ، «توردا سەمىمىي بولۇپ، غەمسىز ئىستېمال قىلىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا دائىر سوئاللارغا جاۋاپ بەردى.

  2016- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ئاپتونوم رايون بويىچە «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئەڭ گۈزەل شەخس»نى ئىزدەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا سەككىز ئادەم ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىگە قوشقان پائال تۆھپىسى ئۈچۈن «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئەڭ گۈزەل شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن؛ ئۆتكەن يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش بويىچە سەمىمىي ئورۇن» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، كارخانىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىلتىماس قىلىش، دەرىجىمۇ-دەرىجە تەكشۈرۈپ چىقىش، كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ۋە ئاخىرقى باھالاش قاتارلىق قاتتىق تەرتىپ بويىچە، ئاخىرقى ھېسابتا 200 كارخانا «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش بويىچە سەمىمىي ئورۇن» بولۇپ بېكىتىلگەن، يىغىندا يەنە بۇ كارخانىلارمۇ تەقدىرلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر