باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017- يىلى شىنجاڭ ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن «بۇغدا كۆلى پىلانى»غا 3269 نەپەر خادىم تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىدى

ھەر بىر كەنتتە كەنت خىزمىتىنى قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ئاز دېگەندە بىر نەپەر ئوقۇغۇچى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

2017.03.17 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي قاتلامنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مۇقىملاشتۇرش، يېزا ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، شىنجاڭ 2017- يىلى يەنە بىر قېتىم ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ئاساسى قاتلامدا تەربىيەلەپ چېنىقتۇرىدىغان «بۇغدا كۆلى پىلانى»نى يولغا قويۇپ، 3269 نەپەر خادىم قۇبۇل قىلىپ، ھەر بىر كەنتتە ئاز دېگەندە بىر نەپەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى «بۇغدا كۆلى پىلانى»غا قۇبۇل قىلىنىدىغان خادىم جەمئىي 3269 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆتكەن يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تاللىنىدىغىنى 2269 نەپەر ئىكەن، ئۇلار قۇبۇل قىلىنىدىغان ئۇمۇمىي ساننىڭ %69ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئىش ئورنىدىكى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىن نىشانلىق ھالدا 1000 نەپەر خادىمنى تاللاپ تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدىكەن، ئۇلار ئۇمۇمىي خادىمنىڭ %31ىنى ئىگىلەيدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتىن 1984 نەپەر خادىم تاللىنىدىكەن. ئۇلار ئۇمۇمىي خادىمنىڭ %69ىنى ئىگىلەيدىكەن. «بۇغدا كۆلى پىلانى»غا كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇلتۇر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئوقۇش سەۋىيەسىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلار بولۇشى، 30 ياش ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتا بولۇشى كېرەك ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «985» ۋە «211» قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلىرىدىن 440 نەپەر تەكلىپ قىلىنىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستتلارنىڭ شارائىتى جاپالىق بولغاچقا، تەكلىپ قىلىش شەرتى مۇۋاپىق دەرىجىدە كەڭرەك قويۇۋېتىلىپ، ياش چەكلىمىسى 32 ياش ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن قىلىپ بەلگىلەنگەن. نىشانلىق ئىش ئورنىدىكى ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىق ئىش ئورنىغا يېشى ۋە ئوقۇش تارىخى قاتارلىق شەرتلەر مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر