- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىدىن بۇيان 5769 تەكلىپ تاپشۇرۇپ ئېلىندى
جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى %99.84گە يەتتى
2017.03.02 15:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈرۈش سۆھبەت يىغىنى 21- فېۋرال بېيجىڭدا ئېچىلدى. مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى قاتناشقۇچى ئورۇنلار، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى جەمئىي 5769 پارچە تەكلىپ تاپشۇرغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر، جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى %99.84گە يەتكەن.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈن گەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ۋە پات ئارىدا ئېچىلىدىغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنىنىڭ تەكلىپ خىزمىتىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تەكلىپ كومىتېتى «تەكلىپ پىكىرلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەپسىلىي قائىدىسى (سىناق نۇسخىسى)غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە تەكلىپنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكرىنى تەييارلاش خىزمىتى يولغا قويۇلغان، ھازىر ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئالاقىدار تەرەپنىڭ پىكىرلىرىنى ئېلىۋاتماقتا، كېيىنكى قەدەمدە تەرتىپ بويىچە قاراپ چىقىپ، تەستىقلانغاندىن كېيىن تىرىشىپ يىل ئىچىدە يولغا قويۇدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر