- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو «تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلدى
2017.03.02 15:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇرى خىزمىتى ئىشخانىسى 1-مارت بىرلىشىپ «تور بوشلۇقى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىستراتېگىيە» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى. «ئىستراتېگىيە» دە، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىش باش تېما، تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشان قىلىنىپ، تور بوشلۇقى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش بويىچە جۇڭگو تەشەببۇسى تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۇنيا تور بوشلۇقىنى تۈزەشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگو لايىھەسىگە تۆھپە قوشۇش _ جۇڭگونىڭ تور بوشلۇقى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك ھۆججەت.
بۇ، ئېلىمىزنىڭ تور مەسىلىسى ئۈستىدە تۇنجى قېتىم خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. «ئىستراتېگىيە» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تور بوشلۇقى كىشىلەرگە غايەت زور پۇرسەت بىلەن بىللە، يەنە نۇرغۇن يېڭى تېمىلار ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تور بوشلۇقى ئالاقە تورىدىكى مەنپەئىتى گىرەلەشكەن، بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان. خەلقئارا جەمئىيەت قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، سۆھبەتلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تور بوشلۇقىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغداپ، تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر