باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ <13-بەش يىللىق> پىلانى»نى تارقاتتى

2017.03.02 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ <13-بەش يىللىق> پىلانى»نى تارقاتتى.

  «پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىدىن باراۋەر ھالدا ئادىل بەھرىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ يادروسى پۇرسەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىم نۇقتىسى خەلقنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، بۇ نوقۇل باراۋەرلىكنىلا بىلدۈرمەيدۇ. ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ـــ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەردىن باشلاپ ھەل قىلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، باراۋەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، «تۆۋەن چەكنى ساقلاش، كۆزلىمە نىشانغا يېتەكچىلىك قىلىش، بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاش، باراۋەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەت ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىسلاھات-يېڭىلىق يارىتىش» ئاساسىي تەلىپى بويىچە، باراۋەرلىشىش سەۋىيەسىنى پۇختا ئۆستۈرۈپ، ئۆلچەم سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم قائىدىلەرنى ياخشى جىپىسلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ 2020-يىلىغا بارغاندا، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەل، تۈزۈم-مېخانىزمى تېخىمۇ تاكامۇل، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلار ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر