باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

2017.03.02 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش باشتىن-ئاخىر ئىسلاھات تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر نۇقتا بولۇپ كەلدى. ئىسلاھات ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ ئامما ۋە كارخانىلار بۇنىڭدىن رازى بولدىمۇ؟ خۇش بولدىمۇ؟ مەنپەئەتلەندىمۇ؟ دېگەنلەر بۇنىڭ مۇھىم تەكشۈرۈش ئۆلچىمى. يېقىندا، 2013-يىلدىن بۇيانقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە ھوقۇقنى تۆۋەنگە بەرگەن گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى، گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى قاتارلىق مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجە تىزىملىكى مەركەزلىك ئېلان قىلىنىپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىشى، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش جەريانىنى نازارەت قىلىشى، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ئۈنۈمىنى باھالىشى ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى ۋە قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ـــ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بۇنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىرى، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ باشلامچىسى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا ئىزچىل يۈكسەك ئېتىبار بەردى. مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ ھوقۇقى، مەسئۇلىيىتى ۋە ئىشتات تىزىملىكىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ يولغا قويۇپ، بۇ نۆۋەتلىك مەركىزىي ھۆكۈمەت مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى تۇنجى چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتتى. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ۋە ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىدىغان مەمۇرىي تەستىق تۈرىنىڭ 3/1 قىسمىنى ئازايتىش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن تاماملاندى؛ مەركەز بېكىتكەن جايلار يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت تۈرى كاتالوگ تىزىملىكىدىن 269 تۈر، گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىق ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى تىزىملىكىدىن 320 تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ گوۋۇيۈەن تارماقلىرى تەسىس قىلغان كەسپىي سالاھىيەت ئىجازەتنامىسى ۋە بېكىتىش ئىشلىرىنى قىسقارتىش نىسبىتى %70تىن ئاشتى. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش سالمىقىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر