باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈش سۇغۇرتىسى فوندى بىلەن 17 ئايلىق چىقىمغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ

پېنسىيەگە چىقىشنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتى داۋاملىق چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىدۇ

2017.03.02 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 13 مىليون 140 مىڭغا يېتىپ، ئۇدا تۆت يىل 13 مىليوندىن ئاشتى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يى ۋېيمىن 1-مارت گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى يەنىلا مۇرەككەپ، لېكىن جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ئىشەنچىسى بار.

  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇلتۇر شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى ئومۇمىي كىرىمى 2 تىرىليون 840 مىليارد يۈەن، ئومۇمىي چىقىمى 2 تىرىليون 580 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، شۇ مەزگىلدىكى قالدۇقى 260 مىليارد يۈەن، جۇغلانما قالدۇق 3 تىرىليون 670 مىليارد يۈەن بولدى، بۇنىڭ بىلەن 17 ئايلىق چىقىمغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئايلىنىشىدىكى ئاساسلىق مەسىلە جايلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاش. ھازىر، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەر ئارىسىدىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئايلىنىش پەرقى نىسبەتەن چوڭ بولدى، ئايلىنىشى ياخشى ئۆلكىلەر 50 ئايلىق چىقىمغا كاپالەتلىك قىلدى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئۆلكىلەرنىڭ شۇ مەزگىللىك كىرىمى چىقىمغا يەتمەي، جۇغلانما قالدۇقىنىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلىتىپ بولدى. بۇ پەرقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل نوپۇس بېقىش نىسبىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى بولۇپ، ئايلىنىشى ياخشى ئۆلكىلەرنىڭ نوپۇس بېقىش نىسبىتى 10:1، يەنى 10 ئادەم بىر ئادەمنى باقىدۇ؛ ئايلىنىشى ناچار ئۆلكىلەرنىڭ نوپۇس بېقىش نىسبىتى 1.2:1 بولۇپ، يۈكى ئوخشىمايدۇ.

  يى ۋېيمىن يەنە مۇنداق دېدى: ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىدەك ئارقا كۆرۈنۈشتە، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي چوڭايتىش سىياسىتى ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئۈنۈملۈك ئېچىپ پايدىلىنىش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. لېكىن بۇ سىياسەت ھەر بىر كىشىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان، شۇنداقلا بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا، سىياسەت تۈزگەندە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىز ئېلىمىزنىڭ ئەمگەك كۈچى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ داۋاملىق چوڭقۇر تەتقىق قىلىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر