باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كىنوچىلىق كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى 1- مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

قانۇندا ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى كىنو ئىجادىيىتىنى قوللاش، ئىلھام بېرىش قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان

2017.03.02 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت كەسپى ساھەسىدىكى تۇنجى قانۇن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىنوچىلىق كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىزمۇ كىنوچىلىق كەسپىگە بولغان باشقۇرۇش ۋە سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ھالدا كۈچەيتىدۇ.

  كىنوچىلىق كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا كىنو ئىجادىيىتى، سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلەش، فىلىم تارقىتىش، كىنو قويۇش، كىنوچىلىق كەسىپىنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش، قانۇنىي جاۋابكارلىق قاتارلىقلار توغرىسىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەپسىلىي بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى، بۇلار ئالتە بۆلەككە بۆلىنىپ تەپسىلى بايان قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 60 ماددىدىن تەشكىل تاپقان. كىنوچىلىق كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى كىنو كەسپىىنڭ «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دەۋرى»گە كىرىشىنى، ھەمدە كىنوچىلىقتا قۇدرەت تاپقان دۆلەتكە ئايلىنىشنى سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە قانۇنى كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتتى.

  جۇڭگونىڭ كىنوچىلىق كەسپى تېز تەرەققىي قىلىش داۋامىدا، كىنوچىلىق كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلىشى ئاپتونوم رايونىمىزغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش رولىغا ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدىكى 43- ماددىدا مۇنداق دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ كىنو ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىشىغا ياردەم قىلىش كېرەك. دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى كىنو ئىجادىيىتىنى قوللايدۇ، كىنونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقى تەرجىمە خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ كىنو كۆرۈش ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر