باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بەش تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇردى ۋە ئەلالاشتۇردى

2017.02.10 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 9-فېۋرال ئاشكارىلىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 13 تارماق بىلەن بىرلىشىپ «ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكنىڭ قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە كۈتۈنۈش ئاپپاراتىغا ئالاقىدار تەستىقلاش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتىكى بەش تۈرلۈك تەدبىر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان:

  __ كۈتۈنۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشتىكى ئىلتىماس ماتېرىياللىرى ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى كۈتۈنۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىش ئىجازەتنامىسى ئالغاندا، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى مۈلۈك ھوقۇقى ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىيەلىسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش لاياقەتلىك بولغانلىق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ.

  __ يېمەكلىك تىجارىتىدە «ئاۋۋال كىنىشكا، كېيىن ئىجازەتنامە بېرىش» يولغا قويۇلىدۇ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، قانۇن بويىچە ئاۋۋال تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىق قانۇنىي سۇبيېكتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  __ ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنىدىكى مۇھىت تەسىرىنى باھالاشتا تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ، مۇھىتقا بولغان تەسىرى ناھايىتى كىچىك بولغان، مۇھىت تەسىرىنى تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇش لازىم بولغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىغا قارىتا ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ.

  __ بىر قىسىم ئاپپاراتلارنىڭ ئوت مۇداپىئە تەكشۈرۈش رەسمىيەتلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  __ مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى تېزدىن بېجىرىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قوللاش، يېڭى قۇرۇلغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتى ياكى بار بولغان قۇرۇلۇشتىن پايدىلىنىپ كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى بېجىرىشكە چېتىلىدىغان بولسا، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئاپپاراتلىرى «كۈتۈۋالغۇچى مەسئۇل بولۇش»، «بىر كۆزنەكلىك مۇلازىمەت» قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قانۇن بويىچە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى تېزدىن بېجىرىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر