باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند بۇلتۇر فىرانسىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ماختىدى

2017.02.10 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند 8-فېۋرال ئېلىسې قەسىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دېھقانلار كالېندارىدىكى يېڭى يىلىنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: فىرانسىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقى بۇلتۇر نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، فىرانسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2016-يىلى ئۇلۇغ بىر يىل بولدى.

  ھوللاند شۇ كۈندىكى پائالىيەتتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى فىرانسىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيە ساھەسى، بولۇپمۇ ئەنگلىيە خىنكلېي يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى؛ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى ساھەسىدە، فىرانسىيەنىڭ بوردو ئۈزۈم ھارىقى قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش رايونىدىن 45ى جۇڭگونىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشتى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، جۇڭگو پۇقراسىنىڭ فىرانسىيە ۋىزىسى ئېلىش مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، فىرانسىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار 350 مىڭغا يەتتى.

  ھوللاند يەنە جۇڭگونىڭ نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇھىم مەسىلىلەردە رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ داۋوس مۇنبىرىدە قىلغان سۆزى ئەركىن سودا پىرىنسىپىنى كۈچلۈك قوغدىدى، فىرانسىيەمۇ بېكىنمىچىلىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر