باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تازىلاش ھەرىكىتى تېخى تۈگىمىدى

تۈركىيەدە يەنە نەچچە مىڭ ئادەم ئىشتىن بوشىتىلدى

2017.02.10 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ھۆكۈمىتى 8-فېۋرال يەنە 4400دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىمىنى ۋەزىپىسىدىن بىكار قىلدى، سەۋەبى ئۇلار بۇلتۇر 7-ئايدا يۈز بەرگەن ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھازىرغىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تازىلاش ھەرىكىتىدە 125 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى خىزمەتتىن قوغلىدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارمىيە-ساقچى، ئەدلىيە، ئاخبارات، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئىكەن.

  بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، تۈركىيەدە تۇيۇقسىز ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. سىياسىي ئۆزگىرىش سۇيىقەستى نەچچە سائەت ئىچىدە مەغلۇب بولدى، بىراق 246 ئادەم قازا قىلدى. تۈركىيە دائىرىلىرى ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان «گۈلەن ھەرىكىتى»نىڭ رەھبىرى گۈلەننى سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىغۇچى، دەپ بېكىتتى ھەمدە دەرھال تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، گۈلەن ۋە ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلارنى تازىلىدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە تۈركىيەدە سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئالاقىدار تەكشۈرۈشتە 40 نەچچە مىڭ گۇماندار قولغا ئېلىنغان. تۈركىيەدىكى كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنى ئەنسىزلىككە سالدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا كۆپ قېتىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەرىكەت ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى، دەپ قاراپ، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە ياتلارنى چەتكە قېقىپ، ھوقۇقىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ، دەپ گۇمانلاندى. تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىپادىسىگە نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر