باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيەدە ئاقسىل كېسىلىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلدى

2017.02.10 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقى 9-فېۋرال، ئاقسىل كېسىلىدىن ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى ئەڭ «ئېغىر» دەرىجىگە ئۆستۈردى ھەمدە پۈتكۈل كورېيەدە ئاچا تۇياقلىق تۈرىدىكى ئۆي ھايۋانلىرى بازىرىنى ۋاقىتلىق تاقاش تەدبىرىنى يولغا قويۇشنى ئېلان قىلدى.

  دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ئاقسىل كېسىلى كورېيەنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا كۆرۈلدى. ۋىرۇسنىڭ يامراپ كېتىش مۇمكىنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسىلدىكى دېزىنفېكسىيە قىلىش شارائىتى بىر قەدەر ناچار بولۇش قاتارلىق ئامىللار كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئاخىرىدا يۇقىرىدىكى قارار چىقىرىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 9-فېۋرالدىن 18- فېۋرالغىچە، كورېيەدە مەملىكەت مىقياسىدا، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدىن تىرىك مال توشۇش مەنئى قىلىنىدىكەن، ئالاقىدار كەسىپكارلارنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا كىرىپ-چىقىشى قاتتىق چەكلىنىدىكەن ھەمدە تەلتۆكۈس دېزىنفېكسىيە قىلىنىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئاقسىل كېسىلىگە قارىتا تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىش دائىرىسىمۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاساسلىق يوللىرىغىچە كېڭەيتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر