باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنىڭ يېڭى يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.09.26 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (ئىختىساسلىقلارغا دائىر «30 ماددا») نى تارقىتىپ، ئىختىساسلىقلار تەرەقىياتىنى چەكلەيدىغان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە ماخانىزمى توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، ھوقۇقنى ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكىتلارغا بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى بوشاتتى.

  تونۇشتۇرىلىشچە، شاڭخەي شەھىرىنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان 30 ماددىلىق يولغا قويۇش پىكرى بۇلتۇر ئېلان قىلغان ئىختىساسلىقلارغا دائىر «20 ماددا» مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمى جەھەتتىن يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يەنە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىختىساسلىقلار ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكىتلارنىڭ «ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلدى».

  شاڭخەي شەھىرى جىددىي كەمچىل ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق چەتئەلدىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، چەتئەل تەۋەلىكىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار خىزمەت ئۆمىكى ئەزالىرىنى دائىم تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامە دائىرىسىگە بىۋاسىتە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، B گۇۋاھنامىسى بارلارنىڭ شەھەر ئاھالىسى تەمىناتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، چەتئەل مۇتەخەسىسلىرى گۇۋاھنامىسى ۋە چەتئەللىك ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار گۇۋاھنامىسىدىن ئىبارەت «ئىككى گۇۋاھنامىنى بىرلەشتۈرۈش» نى نۇقتىدا سىناش قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىدۇ. ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، شاڭخەي شەھىرى ئۇنۋان باھالاش ھوقۇقىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكىتلار ۋە كەسپىي تەشكىلاتلارغا تەدرىجى بېرىپ، ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى ۋە ئورۇنلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئادەم ئىشلىتىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتلىرى ۋە ئورۇنلىرى قاتارلىق پاراۋانلىق ئىككىنچى تۈردىكى كەسپىي ئورۇنلاردا، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش، كىرىمنى تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە بېرىشنى يولغا قويىدۇ. چەتئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۇنۋان باھالاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر