باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى قاتارلىقلار بىرلىشىپ تور ئۇچۇرى ساھەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ

2016.09.26 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسى بىلەن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ« تور ئۇچۇرى ساھەسىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، تور ئۇچۇرى ساھەسىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئېنىق تەلەپ قويدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: تور ئۇچۇر ساھەسىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدا تىزىملىتىلىپ ئەنگە ئېلىنغان، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات، فوند جەمئىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە تور ئۇچۇرى ساھەسىدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئاز بولۇش، تارقاق بولۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى چەكلىك بولۇش قاتارلىق رىيال مەسىلىلەر ساقلانماقتا، بۇ ئېلىمىزنىڭ تور چوڭ دۆلىتى بولۇشتەك ئورنى بىلەن ماس كەلمەيدۇ، بۇ كەمچىلىكنى چوقۇم تولۇقلاش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆلكە، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى تور ئۇچۇر تارماقلىرى ۋە شارائىتى بار ناھىيە دەرىجىلىك تور ئۇچۇر تارماقلىرى تور ئۇچۇر ئىشلىرىنىڭ ئومۇملۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىتىپ، توردا تارقىتىش، تور بىخەتەرلىكى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتى، تور مەدەنىيىتى، تور ئوبزورى، تور ئۇچۇر ئىگىلىكى ، تورنى قانۇن بويىچە تۈزەش، تور جامائەتچىلىكى، توردا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تايانچ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر