باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېنەن چېنجۇ شەھىرىدە خىزمەت ۋاقتىدا ئويۇن ئوينىغان باشلىقلار خىزمەتتىن قالدۇرۇلدى

2016.09.09 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- سېنتەبىر خۇنەن ئۆلكىسى چېنجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، چېنجۇ شەھەرلىك سۈپەت نازارەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىن يوڭخېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىرى خىزمەت ۋاقتىدا پايچېكى كۆرۈپ، ئويۇن ئوينىغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتىن قالدۇرۇلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، چېنجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، شەھەرلىك ئىستىل سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپىسى ئىشخانىسى باش بولۇپ، نەقمەيداننى تەكشۈرۈش، ئۈن-سىننى تەكشۈرۈش، ماتېرىيال ئاختۇرۇش، ئەگىشىپ ئىش بىجىرىش، مەسىلىنى ئىز قوغلاش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن، شەھەرگە بىۋاستە قاراشلىق 48 ئورۇن ۋە 2016- يىللىق نازارەت قىلىپ باھالاشتىكى 45 مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىغا قارىتا خىزمەت ئىنتىزامىنى قاتتىق تۈزەش ئاشكارا-يوشۇرۇش تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان.

  تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كۆپ قىسىم ئورۇنلار ئىنتىزامغا ئاڭلىق بويسۇنغان، ئومۇمىي جەھەتتىن ئەھۋال بىر قەدەر ياخشى، بىراق يەنە قىسمەن ئورۇنلاردا خىزمەت ئىنتىزامى ۋە ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇشنى ئىجرا قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى مەسىلىلەر ساقلانغان: بىرىنچىسى، خىزمەت ۋاقتىدا پايچېكى ئەھۋالى كۆرۈش؛ ئىككىنچىسى، خىزمەت ۋاقتىدا ئويۇن ئويناش؛ ئۈچىنچىسى خىزمەت ۋاقتىدا يانفوندا سىن ۋە ھېكايە كۆرۈش؛ تۆتىنچىسى خىزمەت ۋاقتىدا تەنھەرىكەت قىلىش، مۈگدەش دېگەندەك.

  بۇنىڭ ئىچىدە، چېنجۇ شەھەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بىن يوڭې خىزمەت ۋاقتىدا ئىشخانىدىكى كومپىيوتېردا پايچېكى ئەھۋالىنى كۆرگەن، چېنجۇ شەھەرلىك كۆچۈرۈش-تەرەققىيات ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇاڭ جياگاۋ خىزمەت ۋاقتىدا ئىشخانا كومپىيوتېرىدا ئويۇن ئوينىغان، چېنجۇ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جوڭ يوڭپىڭ خىزمەت ۋاقتىدا يانفوندا ئويۇن ئوينىغان.

  بۇنىڭغا قارىتا، چېنجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقتى، چېنجۇ شەھەرلىك پارتكوم بىن يوڭخې، خۇاڭ جياگاۋ، جوڭ يوڭپىڭنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى، تەرتىپ بويىچە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خادىملارنى باشقۇرۇش ھوقۇق-چەكلىمىسى بويىچە، مەخپىي تەكشۈرۈشتە بايقالغان باشقا مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك خادىملارغىمۇ تەرتىپ بويىچە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەنقىدىي تەربىيە قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر