باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش باشلاشنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى

2016.09.09 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق، تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتە كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش ھەم يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشتە، ئىلگىرىكى مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مۇھىم نۇقتىسى ئاساسىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش، ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتى، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش، ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، ئاتا-ئانىلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇش، ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغان بالىلارغا كۆيۈنۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە تېخىمۇ تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقۇش باشلاش شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلىش، مەكتەپ بىخەتەرلىكى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىنىدىكەن.

  ئوقۇش باشلاشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى ئىشخانىسى ھەر قايسى جايلارنىڭ ئۆزلىرى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، دۆلەت مائارىپ مۇپەتتىشلىك دوكلاتىنى تەييارلاپ، ئالاقىدار ئۆلكىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەزمۇنىنى يەنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر