باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا 55-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئىچىلدى

2016.09.09 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا 55-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇش»نى چۆرىدىگەن ھالدا چارە تەدبىر كۆرسەتتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى .

  ئەزالار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى يادرولۇق رايون، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراشنى تېخىمۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم تەستىق سېلىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونلىرى خىزمىتىدە يېڭىدىن زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. نۆۋەتتە ئېلىمىز يەنىلا سانائەتلىشىش، بازارلاشتۇرۇشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش بېسىمى يەنىلا ناھايىتى چوڭ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشتا يەنە بەزى زىددىيەت، بەزى ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئىلمىي پىلانلاش، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇھاپىزەت رايونىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئاممىنىڭ قاتنىشىش قوللىشىغا، مەنپەئەتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى قوللاش ۋە قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارنى ئاشۇرۇپ، ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، پەن - تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇشتىكى پەن-تېخنىكا مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى چىڭىتىش، بولۇپمۇ چەكلەنگەن تەرەققىيات رايونلىرىدا مەمۇرىي مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدرىجىي مەمۇرىي قانۇن-نىزامنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بالدۇرراق قانۇن چىقىرىش كېرەك.

  ئەزالار يەنە دېڭىز-ئوكيان ۋە سۇ جانلىقلىرىنى قوغداش ، شىزاڭنىڭ شىمالىدىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، ئۈچ دەريا مەنبەسىنى قوغداش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى مەلۇم قىلىش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىلمىي باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، ئېكولوگىيە كارىدورىنى پىلانلاش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يۈ جېڭشېڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى .


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر