باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇلدى

2016.04.18 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا رەسمىي قۇرۇلدى. بۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەيرى ساخاۋەت قانۇنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئېلىمىزدە قۇرۇلغان تۇنجى نامراتلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ئەل ئىچى تەشكىلاتى.

  ھازىر ئېلىمىز ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەت بىر گەۋدىلەشكەن نامراتلارنى يۆلەش ئىستراتېگىيەلىك قېلىپىنى بەرپا قىلماقتا. جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ھەممە كىشى قاتنىشىشنى خالايدىغان، ھەممە كىشى قىلالايدىغان نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى يېقىندا ئىجتىمائىي نامراتلارنى يۆلەش تورى، نامراتلارنى يۆلەش ئۇچۇر مۇلازىمەت سەھنىسى بەرپا قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئېھتىياجى، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ قانداق ياردەم بېرىشى قاتارلىق ئىشلارنى توردا مەركەزلىك ئېلان قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى تەمىناتى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك باغلايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر