باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەر يېزىلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىنىڭ ئالاھىدە يۆلەش مەبلىغى ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ

2016.04.18 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يالغۇز پەرزەنتى يارىدار بولغان، مېيىپ بولۇپ قالغان، قازا قىلىپ كەتكەن ئائىلىلەرنى يۆلەش ياردەم بېرىش ئۆلچىمى شەھەر يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ، ھەمدە ئايرىم ئايرىم 270 يۈەن ۋە 340 يۈەن بولىدۇ. يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى«پىلانلىق تۇغۇتقا مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى پىكىرنى» بېسىپ تارقىتىپ، پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىنى ئالاھىدە يۆلەش ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى، شەھەر يېزىلاردىكى يالغۇز پەرزەنتى يارىدار بولۇپ قالغان، مېيىپ بولۇپ قالغان، قازا قىلغان ئائىلىلەرنى يۆلەش ياردەم بېرىش ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، ئالاھىدە ياردەم بېرىش تۈزۈمى ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ھەرىكەتچان تەڭشىلىدۇ.

  پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بەزى ئائىلىلەرنىڭ يالغۇز پەرزەنتى كېسەل بولۇپ قېلىش، تاسادىپىي ۋەقە قاتارلىقلار سەۋەبىدىن تۇرمۇش كاپالىتى، ياشانغاندا بېقىش، چوڭ كېسەللەرنى داۋالاش، روھى جەھەتتە يار يۆلەك بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى ئالاھىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. 2008-يىلى دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىنى ئالاھىدە يۆلەش ۋە ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر