باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىران ئەمەلدارلىرى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا چەك قويۇشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.04.18 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېھران خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: 17-ئاپرېل ، ئىران نېفىت مىنىستىرى زەنگانەھ ئىران ئۆزىنىڭ خەلقئارا خام نېفىت بازىرىدا ئىگىلىگەن ئورنى ۋە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىران ھەر قانداق ئەھۋالدا بۇ دۆلەتنىڭ تارىخىي ھوقۇقى ۋە يەر شارى خام نېفىت بازىرىدا ئىگىلىگەن ئورنىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، دېدى. تەھلىلچىلەر: زەنگانەھنىڭ بۇ ئىپادىسى ئىران نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ( ئوپېك ) دوھادا جاكارلىغان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا چەك قويۇش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى. بۇ يىل 1-ئايدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازانى بىكار قىلىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئىران قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۈنىگە 1 مىليون تۇڭ نېفىت كۆپەيتىپ ئېكسپورت قىلىشنى جاكارلاپ، جازالاشتىن بۇرۇنقى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر