- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراندا ئىشخانا تەسىس قىلىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ
2016.04.18 14:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈنۈگۈن تېھراندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىلى مۇغرىنى شۇ كۈنى ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئىراندا زىيارەتتە بولدى ھەمدە ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەررىف بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بۇ ئىشخانا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، مۇھىت، رايون ئىشلىرى، كۆچمەنلەر قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ. زەررىف بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: مۇغرىنىنىڭ زىيارەتكە كېلىشى ئۆتكەن يىلى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن ئىران بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئىراننىڭ تەرەققىياتى ھەمدە رايون تىنچلىقىغا پايدىلىق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر