باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاشقانلىقىنى ھېس قىلدى

2016.04.18 14:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوند تەشكىلاتىنىڭ ئەتىياز پەسىللىك يىغىنىدا يىغىنغا قاتناشچىلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، ئىسلاھات تەپەككۇرى ئېنىق، سىياسەت ئالماشتۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، قارا بۇلۇت قاپلىۋالغان دۇنيا ئىقتىسادىغا كىچىككىنە ئۈمىد ئاتا قىلدى.

  يىغىن مەزگىلىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىسلاھات تەپەككۇرى ئېنىق، ئۈنۈمۈك بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ۋە مۇئەييەنلەشۈرۈشىگە ئېرىشتى. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان ھەر قايسى تەرەپلەردە قوللانغان تەدبىرلىرى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  يىغىن مەزگىلىدە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن ئىقتىساد ئەمەلدارلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى ئىسلاھاتى بايلىق تەقسىملەش ۋە ئېشىشنى ئۆستۈرۈشتە ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈم بەردى. ئامېرىكىنىڭ مالىيە منىسىرى جاكۇب لۇ: مەن جۇڭگونىڭ ئاھالىلارنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈش تىرىشچانلىقىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئىستىمالنى قوزغىتىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئېشىندا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش قاتارلىق تەدبىرلىرىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تېرەك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. خەلقئارا مالىيە ئىقتىساد ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىپادىسىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھاتىنىڭ لوگىكىسى ۋە تىرىشچانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىردە چۈشۈنۈشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا يەرشارىدىكى باشقا ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى ۋە ئىلھام بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر