- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە ۋە ئىران زۇڭتۇڭلىرى: ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2016.04.18 14:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇئان بىلەن زىيارەتكە بارغان ئىران زۇڭتۇڭى رۇھانى تۈنۈگۈن بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە بىلەن ئىران ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرىدۇ. ئەردۇئان يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيەنىڭ ئىران بىلەن سۇرىيە مەسىلىسىدە ھەقىقەتەن ئىتىلاپى بار، لېكىن ئىككى دۆلەت بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ رايون توقۇنۇشىغا بالدۇرراق خاتىمە بېرىشى كېرەك. رۇھانىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئىراننى جازالاشنى بىكار قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىران بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئۇل سالىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىران بىلەن تۈركىيە پۇل مۇئامىلە كەسپى ھەمدە تەبىئىي گاز، ئېلېكتىرون قاتارلىق ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر