باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن ياپونىيەگە ساياھەتكە بارغان 331 ساياھەتچى بىخەتەر تۇرۇۋاتىدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى

2016.04.18 15:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار 16 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12گىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ياپونىيەگە ساياھەتكە بارغان 331 كىشىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.

  ياپونىيەنىڭ كيۇتۇدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ياپونىيەگە بارغان ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى توغرىسىدا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ياپونىيەگە بارغان ساياھەت ئۆمەكلىرىگە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ياپونىيەدىكى شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلدى. چەت ئەلگە ساياھەتكە تەشكىللەيدىغان 34 ساياھەت كوپىراتىپىنى بىرمۇ بىر سۈرۈشتۈرۈپ، 16 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12گىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالتە ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ 331 كىشىنى تەشكىللەپ ياپونىيەگە ساياھەتكە ئېلىپ چىققانلىقى، ھازىر ئۆمەكتىكى ھەممە ساياھەتچىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكى، پات ئارىدا يەنە 127 كىشىنىڭ ياپونىيەگە ساياھەتكە بارىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىكىلەر مۇنداق دېدى: ئالاقىدار ئەھۋاللارنى داۋاملىق ئىگىلەش بىلەن بىللە، شىنجاڭدىن ياپونىيەگە ساياھەتكە تەشكىللىگەن ساياھەت ئۆمەكلىرىدىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياپونىيەگە ساياھەتكە بېرىش سەپىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئاپەت رايونىغا بېرىشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. ئالاقىدار ئەھۋاللار داۋاملىق تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ ۋە تاراتقۇلاردا ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 24 سائەتلىك جىددىي تېلېفون تەسىس قىلدى (ئالاقىلەشكۈچى: جاۋ ۋېنجېڭ، تېلېفون نومۇرى: 13579980078)، ياپونىيەگە ساياھەتكە بارغان شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەر قىيىنچىلىققا يولۇقسا، ھەر ۋاقىت مۇشۇ نومۇرغا تېلېفون قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر