باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك كورلا ئاققۇ دەرياسىنى ئايلىنىش يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى

2016.04.18 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-ئاپرېل، 2016-يىللىق جۇڭگو يىپەك يولى. كورلا نەشپۈتى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولغان تۇنجى نۆۋەتلىك كورلا ئاققۇ دەرياسىنى ئايلىنىش يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى.كورلا ئاققۇ دەرياسىنى ئايلىنىش يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى جەمئىيەتتە قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان، قەھرىمانلىق بىلەن ئالغا باسىدىغان مارافون روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش ھەم كەڭ دائىرىدە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاش مەقسەت قىلىنغان.

  كورلىنىڭ «قورۇل سىرتىدىكى مەرۋايىت، تاغۇ- دەريالىق نەشپۈت شەھىرى» شەھەر مەنزىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك نامايەن قىلىش، مۇسابىقىنىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ نورمال قاتنىشىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش ئۈچۈن، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى مۇسابىقە يولىغا قارىتا ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھىلەش ئېلىپ باردى، بۇنىڭ ئىچىدە %80 ئەتراپىدىكى مۇسابىقە يولى دۆلەتلىك AAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى __ ئاققۇ دەرياسى مەنزىرە رايونىدىكى دەريانىڭ ئىككى يان تەرىپىگە تەسىس قىلىنغان. ئاققۇ دەرياسى مەنزىرە رايونى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 2400 مو، سۇ كۆلىمى 765 مو، جەنۇبتا نەشپۈتلۈك باغ، شىمالدا شىر كۆۋرۈك بار، ئۇزۇنلىقى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، نەشپۈت شەھىرىنىڭ ئىستىراھەت، سەيلە- ساياھەت قىلىشتىكى مۇھىم مەنزىرە رايونى ھىسابلىنىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە يېرىم مۇساپە بويىچە مارافونچە يۈگۈرۈش، ئەرلەرنىڭ 10 كىلومېترغا يۈگۈرۈش ، ئاياللار 5.5 كىلومېتىرغا يۈگۈرۈش، 2.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قاتارلىق تۆت تۈرگە بۆلۈنگەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 4000دىن ئارتۇق كەسپىي تەنھەرىكەتچى ۋە يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى ھەم 20 دىن ئارتۇق مېيىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر