باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك 100خامچوت ئورنى خامچوت ھېساباتىنى ئېلان قىلدى

2016.04.18 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەزنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك 100 خامچوت ئورنى يېقىندا بۇ يىللىق خامچوت ھېساباتىنى ئېلان قىلدى. ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ راسخوتى بۇ يىل يەنىمۇ ئازايغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 40تىن كۆپرەك ئورۇن ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش خامچوتىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان، ئومۇمىي سوممىسى 140 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  بۇ يىللىق دۆلەت ھېساباتىغا ئاساسلانغاندا، مەركەز دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئۈچ خىل راسخوتى كۆپەيتمەسلىك تەلىپى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تارماقلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەركەز تارماقلىرىنىڭ ئۈچ خىل راسخوتى ئومۇميۈزلۈك تەڭلەشكەن ياكى تۆۋەنلىگەن، ئالايلۇق: مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىللىق خامچوتىدا ئۈچ خىل راسخوتقا 61 مىليون 464 مىڭ 800 يۈەن ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىكى خامچوت ئىجراسى بىلەن تەڭلەشكەن. مەملىكەت بويىچە دۆلەت ئىشلىرى سىستېمىسىنىڭ ئۈچ خىل راسخوت خامچوتى ئۆتكەن يىلدىكىدىن 150 مىليون يۈەندىن كۆپرەك كېمەيگەن. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى مەركەز تارماقلارنىڭ خامچوتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ھەققى كۆپلىگەن مەركەز تارماقلىرىدا كۆرۈلمىگەن. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 20 دىن كۆپرەك تارماقنىڭ يېڭى ماشىنا سەپلەش ئويى بار ئىكەن. جۇڭگو مالىيە تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي جىڭمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خامچوت ھېساباتىنىڭ داۋاملىق تەپسىلىي بولۇشى بىلەن كىشىلەر ئۈچ خىل ھۆكۈمەت راسخوتىنىڭ قانداق كۆپىيىدىغانلىقى ياكى قانداق ئازىيىدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۈشەندى.

  ئاجرىتىلغان پۇلنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ.بۇنىڭدا تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت فاڭجېنى چىقىش قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن خامچوت قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە خامچوت ئاشكارىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر