باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئاممىنىڭ غېمىنى يىدى

2016.04.18 15:55         مەنبە: شىنجاڭ كۇئېنلۇن تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شىتات كومىتېتىدىن ئاقسۇ شەھىرى ئىگەچى يېزىسىنىڭ باغچى كەنتىگە «ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە چۈشكەن بىر يېرىم ئاي ۋاقىتتىن بۇيان، ئىدىيە ۋە ھەركەتتە ئاممىغا ئۈلگە بۇلۇپ، سەمىمىي ياردىمى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنتكە چۈشكەندىن كىيىن، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، كەنت ئەھۋالى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. بۇ جەرياندا، ئۇلار بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە ئاممىغا پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرى قانۇن –نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلدى. باش ئەتىيازدىكى تېرىقچىلىق ۋە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا دېھقانلارغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، ئۇلارنى قۇشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. كەنتتىكى بەشتە كاپالەت ئائىلە ۋە نامرات ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق ئىگەللىگەندىن كىيىن، ئۇلارغا قارىتا بىر ئائىلىگە بىر سىياسەت ئۆلچىمى بويىچە پىلان تۈزۈپ نامراتلىقىتىن قۇتۇلدۇرۇشقا بەل باغلىدى. كەنت كومىتېتنىڭ ماسلىشىشى بىلەن كەنتتىكى ئىككى نامرات ئائىلىنى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارغا يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىشكە مەسئۇل بولدى. كەنتتىكى 60 ئايالنى كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارغا غەربچە تورت-پىچىنە پىشۇرۇشنى ئۆگۈتۈپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، جەمئىيەتتە «چوڭ قول كىچىك قولنى تۇتۇپ، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سەبىيلەر كۆڭلىنى ئىللىتىش» ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قوزغاپ، كەنتتىكى 750 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 100يۈەن قىممىتىدىكى سومكا، قوش تىل، دەپتەر لۇغىتى قاتارلىق ئوقۇش ماتېرىياللىرى تەييارلىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار باغچى كەنتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە نامرات ئائىلىلەر ئۈچۈن، ئىدارىسىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە باشقا ساھەلەر بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئالاقىلىشىش ئارقىلىق 4000 دانە كىيىم-كېچەك يىغىپ،« مېھىر-مۇھەببەت ئىشكابى» ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللىۋېلىشى ئۈچۈن، كىيىم-كېچەكلەرنى پەسىللەر بويىچە مېھىر ئىشكابىغا تىزىپ قويدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىغا چۈشكەن كادىرلار كەنتتە قوش تىل يەسلىسى يوق بولغانلىقىتىن، كەنتتىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەھەرگەكىرىپ ئوقۇشقا شارائىتى يار بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالاقىلىشىش ئارقىلىق كەنتتىكى تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىنى يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇش شارائىتىغا ئىگە قىلدى،يەنە تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ يېرىم ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن كەنتتىكى بالىلارنىڭ قوش تىل يەسلىسىدە ئوقۇش مەسلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆزە تۇتۇپ، كۆپ تەرەپلىمە ئىزدەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋېن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئەپەندىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ۋە كۆرسەتمىسى بويىچە، ھازىر باغچى كەنتىدە قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشى رەسمىي ھالدا ئەنگە ئېلىنىدى.خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە، نوقۇل ماددىي بۇيۇمغىلا تايانماستىن، ئۇلارنى ئىدىيە جەھەتتىنمۇ نامراتلىقىتىن قۇتۇلىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارغا بولغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئۆز كۈچىگە، تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، نامراتلقتىن قۇتۇلىشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر