باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېشىندى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىلىپ ئىشچى خىزمەتچىلەر تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ

2016.04.18 16:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 7 تارماق يېقىندا " پولات تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىدىكى ئېشىندى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجزىلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش ھەققىدىكى پىكىر"نى تارقاتتى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلدى: ئىشچى خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇدىغان پولات تۆمۈر، كۆمۈر كارخانىلىرى تارقاقلاشتۇرىدىغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ سانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېنىقلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەلىپىنى ئىگىلەپ، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆلەش پىلانىنى تۈزىشى كېرەك، كارخانىلار بىلەن بولغان ئەمگەك توختىمىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلغان، توختاتقان ئىشسىز خادىملارنى ۋاقىتدا ئىشسىزلىق بويىچە تىزىملاش، شۇ جاينىڭ قايتا ئىشقا ئورونلاشتۇرۇش ئىگىلىك تىكلەشكە سىياسەت جەھەتتە مەدەت بېرىش سىسىتېمىسىغا كىرگۈزشى لازىم، پولات تۆمۈر، كۆمۈر كەسىپىدىكى ئېشىندى ئىشلەمچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىش بىر قەدەر مەركەزلەشكەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى تار بولغان رايونلار ھەمدە بايلىقى قۇرۇپ كەتكەن، مۇستەقىل سانائەت كان رايونلىرى خىزمەتلەرگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، رايون ھالقىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك چىقىرىشى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار خادىملارغا بەلگىلىمە بويىچە بىر قېتىملىق قاتناش تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى بېرىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر