باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مايۈن جامائەت پاراۋانلىقى فوند جەمئىيىتى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى مۇكاپاتىنى باھالاشنى باشلىدى

2016.04.18 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جېجياڭ مايۈن جامائەت پاراۋانلىقى فوند جەمئىيىتى 13-ئاپرېل 2016-يىللىق «مايۈن يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى مۇكاپاتى»نى باھالاش پىلانىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇلتۇرقى تۇنجى نۆۋەتلىك باھالاشقا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ قاپلاش دائىرىسى بۇلتۇرقى ئالتە ئۆلكە رايوندىن 13 ئۆلكە رايونغا كېڭەيدى، ئاخىرىدا باھالاپ چىقىلغان 100 مۇنەۋۋەر يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھەر بىرى 100 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ ھەمدە ئۇدا ئۈچ يىل كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىدۇ.

  2015-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار مۇكاپاتى شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، يۈننەن، گۇيجۇ، سىچۈەن قاتارلىق ئالتە ئۆلكە-رايوندىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلگەن، بۇ يىللىق ئوقۇتقۇچىلار مۇكاپاتى دائىرىسى شىنجاڭ، شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل، چىڭخەي، چۇڭچىڭ، گۇاڭشى ھەمدە شەرقىي قىسىمدىكى جېجياڭ ئۆلكىسىگە كېڭىيىپ، بىرىنچى سەپتىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. مايۈن جامائەت پاراۋانلىقى فوند جەمئىيىتى يېپيېڭى ئوقۇتقۇچىلار توردا ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپغا قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئەينەك قىلىشى، ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

  سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، جۇڭگونىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا 40 مىليوندىن ئارتۇق بالا يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىكەن. بۇ بالىلارغا بىلىم، ئەقىل ۋە مەدەنىيەت ئۆگىتىدىغان ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق يېزا ئوقۇتقۇچىسى يېزا مائارىپى تەرەققىياتىغا تېرەك بولىدىغان ئەڭ ئاچقۇچلۇق كۈچلەر ئىكەن.

  مايۈن جامائەت پاراۋانلىقى فوند جەمئىيىتى مۇنداق دېدى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قابىلىيىتى ۋە قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يېزا مەكتەپلىرىنى تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر