باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەن دائىرىلىرىدىن تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەتچىلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش ۋە جازالاش تەلەپ قىلىندى

2016.04.18 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ئەن فېڭشەن تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ مالايسىيا قايتۇرىۋەتكەن تېلېگراف ئالدامچىلىقى گۇماندارلىرىنى قويۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: تەيۋەننىڭ بۇنداق قىلىشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان چىگرا ھالقىغان تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايىتىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ، بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قارىغانلىق ۋە قايتا ئازار بەرگەنلىك بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ جىنايەتچىلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىش ھەمكارلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىپ، يامان تەسىرنى تۈگىتىپ، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشى ۋە تېگىشلىك جازا بېرىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قوغدايدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىشى، ئىككى تەرەپنىڭ جىنايەتچىلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىش ھەمكارلىقى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ چوڭ زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر