خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتىنىڭ 17-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، 14-، 16-ئاپرېل كۇماموتو ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندە 41 كىشى قازا قىلغان، 3000دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان، ئاپەت ئېغىر بولغان كۇماموتو ناھىيەسىنىڭ مىنامياسو كەنتىدە 11 ئادەم يوقاپ كەتكەن.
يەر تەۋرەش زور كۆلەمدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈش، لاتقا ئېقىنى قاتارلىق ئىككىلەمچى ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كۇماموتو ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مىنامياسو كەنتىد يەر تەۋرەشتىن كېيىن زور كۆلەملىك تاغ گۈمۈرۈلۈپ، ئېغىر ئاپەت يۈز بەرگەن. شۇ يەر ۋاقتى 17-ئاپرېل سائەت 18 گىچە يەنە 11 كىشىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.
كۇماموتو ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ناھىيەدە 110 مىڭ كىشى 723 پاناھلىق ئورنىدا پاناھلىنىۋېتىپتۇ. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۇرغۇن پاناھلىق ئورنىدا سۇ، يېمەكلىك تەمىناتى كەمچىل بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئۈچ سائەت ئۆچرەت تۇرۇپ ماددىي بۇيۇملارنى ئالغانلىقىنى ئېيتقان، يەنە بەزى پاناھلىق ئورنىدىكى كىشىلەردە ساقسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى