باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى 10-نومۇرلۇق جىنايەتچى پېي جيەنچياڭ قولغا ئېلىندى

2016.01.04 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-يانۋار سائەت 18 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ET604-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومى T3 تېرمىنالىغا قونۇش بىلەن چەتئەلگە قېچىپ كەتكىنىگە ئالتە يىل بولغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان يۈز جىنايەتچى ئىچىدىكى 10-نومۇرلۇق جىنايەتچى پېي جيەنچياڭ قولغا ئېلىندى. بۇ ھەممە يەرگە تور يېيىش ھەرىكىتىدىن بۇيانقى قولغا ئېلىنغان قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان يۈز كىشى ئىچىدىكى 19-جىنايەتچى.

  پېي جيەنچياڭ ئەر ، 48 ياش، بېيجىڭ شەھىرىدىن، ئىلگىرى يۈەنجوڭ خەلقئارا ھەمكارلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىمپورت ئېكسپورت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولغان. خىيانەتچىلىككە چېتىشلىق جىنايىتى بىلەن 2009-يىلى 11-ئايدا چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن. 2015-يىلى مەركەز ھەممە يەرگە تور يېيىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان يۈز جىنايەتچىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرى پېي جيەنچياڭنى نۇقتىلىق قوغلاپ تۇتۇش ئوبيېكتى قىلدى. يىپ ئۇچىنى رەتكە تۇرغۇزۇش جەريانىدا بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پېي جيەنچياڭنىڭ ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى گۋىنىيەدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاممىنىڭ مەلۇماتىنى قوبۇل قىلدى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئېلىمىزنىڭ گۋىنىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قاتارلىق كۆپلىگەن تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىلىق، خىزمەت گۇرۇپپىسى گۋىنىيەگە بېرىپ، گۋىنىيىدىكى ئەدلىيە قانۇن ئىجرا تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى پېي جيەنچياڭنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا ئالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر