باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە دۇما كەنتىگە ئوت قويۇش دېلوسىدىكى گۇماندارلار ئۈستىدىن رەسمىي شىكايەت قىلدى

2016.01.05 12:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە تەپتىش دائىرىلىرى 3-يانۋار يەرلىك بىر سوت مەھكىمىسىگە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دۇما كەنتىدىكى بىر پەلەستىنلىكنىڭ ئۆيىگە ئوت قويغان ئىككى يەھۇدىي ئۇنسۇر ئۈستىدىن رەسمىي شىكايەت قىلدى. ئۇلارنىڭ جىنايىتى- قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە ئىشقا ئاشمىغان سۇيىقەست، قورامىغا يەتمىگەن جىنايەت گۇماندارى دەپ بېكىتىلىپ، جىنايەتچى سۈپىتىدە ئەيىبلىنىدۇ. 2015-يىلى 31-ئىيۇل ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دۇما كەنتىدىكى بىر ئائىلە پەلەستىنلىك ئۆيىدە ئۇخلاۋاتقاندا باشقىلار تەرىپىدىن ئوت قويۇلۇپ، 18 ئايلىق بوۋاق نەق مەيداندا قازا قىلغان، تۆت ياشلىق ئاكىسى ئېغىر يارىلانغان، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىر قانچە كۈندىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلىپ كەتكەن. ئوت قويۇش دېلوسى يۈز بېرىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ دېلونى تەكشۈرۈشىدە ئىلگىرىلەش بولماي، 3-دېكابىر ئاندىن جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر