باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى

2016.01.05 12:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى دورۋال جۇڭگونىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى بىلەن چېگرا مەسىلىسىنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن، مۇشۇ ھەپتىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدىكەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن بىر قانچە ئايدا جۇڭگو قىسىملىرىنىڭ تاجاۋۇز قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىدى. جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو-ھىندىستان چېگرا رايونى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولماقتا. ھىندىستان يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 1-يانۋاردىكى ئىككى دۆلەت چېگرا خادىملىرىنىڭ كۆرۈشۈشى مەزگىلىدە، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئوفىتىسېر ئەسكەرلىرى ۋە يەرلىك جۇڭگولۇقلار ھىندىستاننىڭ ئوفىتىسېر ئەسكەرلىرىگە ھەمراھ بولۇپ بولىۋود كىنولىرىنىڭ مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ھىندىستانلىقلارغا ئۆزگىچە يېڭى يىللىق سوۋغات ھەدىيە قىلغان.

  ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە: دورۋال جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن چېگرا مەسىلىسىنى غەيرىي رەسمىي مۇزاكىرە قىلىدۇ، لېكىن قارالما بۇنىڭلىق بىلەن چەكلەنمەيدۇ دېيىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر