باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشتى

2016.01.05 12:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدىنىڭ شىئە مەزھەپىىدىكى تارقاتقۇچى ئۆلىما نىمىرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مەزھەپ توقۇنۇشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن، بۇنىڭ بىلەن رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» گە قارشى خەلقئارا بىرلىك سەپنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئاجىزلىشىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  سىنگاپور ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى شىئە مەزھىپى دىنى ئۆلىماسى نىمىرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، شىئە مەزھىپىگە تەۋە ئىراننىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى ھامەنەيى سەئۇدى ھۆكۈمىتىنى «IS رادىكال تەشكىلاتىنىڭ جاللاتلىرى بىلەن پەرقى يوق» دەپ مازاق قىلغان، ھامەينى يەنە توردا رەسىم چىقىرىپ، سەئۇدىنىڭ كاللا كېسەر خادىمى بىلەن «ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتىنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن جاللىتى يوھاننى بىر يەرگە تىزغان، ھەمدە رەسىم ئاستىغا «بۇ ئىككىسىنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق» دەپ يېزىپ قويغان.

  ئىراقتىكى شىئە مەزھەپ ھۆكۈمىتى بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن بولۇپ، ئىراقتىكى داڭلىق دىنى ۋە سىياسىي ئەربابلار ئارقا-ئارقىدىن ئىراقنىڭ سەئۇدى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان. بۇ سەئۇدىنىڭ رايون ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىپ، بىرلىكتە ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى رادىكال تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» IS تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش سىياسىتىنى قىيىنچىلىققا ئۇچراتتى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، سەئۇدىنىڭ ئالدىنقى كۈنى نىمىر قاتارلىق 47 كىشىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشى ئاساسلىقى چېگىر ئىچىدىكى رادىكال كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئىكەن. ئۆتكەن بىر يىلدا سەئۇدى كۆپ قېتىم سۈننى مەزھەپ رادىكال كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ نەچچە ئون ئادەم قازا قىلغان.

  ئوتتۇرا شەرق رايونى بولۇپمۇ سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ داۋاملىق مالىمانچىلىق ئىچىدە قېلىشى، سەئۇدى خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتىشقا ئۇرۇنىدىغان سۈننى مەزھەپ رادىكال كۈچلىرىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەنە ئىراننىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغان شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بولۇپ، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەئۇدى ئوردىسىنى بارغانسېرى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان. سەئۇدىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ۋە قوغدىغۇچىسى ئامېرىكا ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمى ئىمزالاپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ ساراسىمىگە سالغان.

  لېكىن سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى سەئۇدىنىڭ غەرب ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ ئەندىشىگە سالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر