باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلى مەركەز باشقۇرىدىغان 37نەپەر كادىر تەكشۈرۈلدى

2016.01.04 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكى تورى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەركەز باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىك ئۇچۇرىدىن 37نى ئېلان قىلدى. بۇ تور ئىككىنچى يانۋار بۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلىپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ كەينىدە مەركەزنىڭ «چىرىكلىك بولسىلا چوقۇم قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىكنى چوقۇم بىر تەرەپ قىلىش»تەك مۇستەھكەم مەيدانى، «چەكلەنگەن رايون يوق، ھەممىنى قاپلىغان، قىلچە يول قويۇلمايدىغان» ئېنىق پوزىتسىيەسى بارلىقىنى كۆرسەتتى، ھەمدە پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۆرەشنىڭ ئىچكىرىلەپ ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈردى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورىنىڭ سىرتقا ئېلان قىلغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىۋاتقان مەركەز باشقۇرىدىغان كادىر ھەر ئايدا بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 11 - ئايدا ئەڭ كۆپ بولۇپ، 7كىشى بار ئىكەن.

  تارقالغان ساھەدىن قارىغاندا، تەكشۈرۈلگەن 37نەپەر مەركەز باشقۇرىدىغان كادىر ئايرىم ھالدا يەرلىك، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلاردىن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز دۆلەت ئورگانلىرىدىن 10كىشى، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلاردىن 9كىشى بار ئىكەن ھەمدە 31ئۆلكە- ئاپتونوم رايونغا قارىتا پۈتۈن قاپلاش ھاسىل قىلىنغانىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر