- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016-يىلى شەھەرلەردىكى ئۆي زاپىسى بېسىمىنىڭ يەنىمۇ پەسىيىشىدىن ئۈمىد بار
2016.01.05 12:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو كۆرسەتكۈچ تەتقىقاتخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان ئۆي مۈلۈك كەسپىي بازىرىدىكى يۈز شەھەرنىڭ باھا كۆرسەتكۈچىدە ئايان بولۇشىچە، 2015-يىلى دېكابىردا مەملىكەت بويىچە يۈز شەھەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ھەر بىر كىۋادرات مېتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 10980 يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.74 پىرسەنت ئاشقان، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2015-يىلى مايدىن بۇيان يۈز شەھەردىكى ئۆي باھاسى ئۇدا سەككىز ئاي سېلىشتۇرما ئاشقان.
جۇڭگو كۆرسەتكۈچ تەتقىقاتخانىسى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: مۆلچەرلىنىشىچە كەلگۈسىدە مەركەز قاتلىمىدىن چىقىرىلغان زاپاسنى ئازايتىش، ئۆي بازىرىنى مۇقىملشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ جايلاردا تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، بازارنىڭ تەمىنات-تەلەپ مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەڭشىلىدىكەن، ئۆي زاپىسى بېسىمىنىڭ يەنىمۇ پەسىيىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. شۇڭا باھا جەھەتتە يۈز شەھەرنىڭ ئۆي باھا كۆرسەتكۈچى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئاشىدىكەن، ئۆي زاپىسى كۆپ قىسمەن شەھەرلەردىكى ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى ئارقىسىدا باھانى مۇۋاپىق چۈشۈرىكەن؛ قىسمەن قىزىق نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ ئېھتىياجى يۇقىرى بولۇش ھەمدە يەر باھاسى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئۆي باھاسى يەنىلا ئۆسۈش بېسىمىغا دۇچ كېلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر