- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو سوت مەھكىمە مۇزىيى تور بېكىتى رەسمىي ئېچىلدى
2016.01.05 13:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-يانۋار، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى جۇڭگو سوت مەھكىمە مۇزىيىنىڭ جۇڭگو سوت مەھكىمە تورىدا رەسمىي تور بېكەت ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلدى. (تور بېكەت ئادرېسى http://mcc.chinacourt.org/)
بۇ رەقەملىك مۇزېي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنىڭ بىر مۇھىم بەلگىسى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت مەھكىمە خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ئەدىلىيە يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم ھەرىكەت بولۇپ قالدى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو سوت مەھكىمە مۇزېيىنىڭ يېڭى سارىيىمۇ يېقىندا ئېچىلىدىكەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر