خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىدە ئون يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن قېلىن قار ياغدى. ئۇدا 15 كۈن ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە بۇرچىن ناھىيىسىدىكى بىر قىسىم تاغلىق رايونلاردا يىغىندى قارنىڭ قېلىنلىقى 1 مېتىردىن ئاشقان . يەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچىشىچە، ئالتاي شەھىرىنىڭ يىغىدا قارنىڭ قېلىنلىقى 57 سانتىمىتىر، بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس يېزىسىدا، يىغىدا قارنىڭ قېلىنلىقى ئىككى مېتىرغا يەتكەن. مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسىسلىرى بۇ قېتىمقى قار ئون يىلدىن بۇيان ياغقان ئەڭ قېلىن قار دەپ ئېيتتى. سۈرەتتە : يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قېلىن قار.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى