باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2016.01.04 17:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىندى:

  يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن: يېڭى ئىدىيە ۋە ھالەتكە ماسلىشىپ، بىر سەپتە تۇرۇشنى تەكىتلەپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، «ئۈچ كۈچ»نى ئاشۇرۇپ، قىلىدىغان ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك، دېدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى يىللىق دەم ئېلىش تېخى ئاخىرلاشمايلا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن)يىغىنى ئېچىلدى. جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى بۇ يىلقى باش يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، يېڭى ئىدىيە ۋە ھالەتكە ماسلىشىپ، بىر سەپتە بولۇشنى تەكىتلەپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، «ئۈچ كۈچ»نى ئاشۇرۇپ، قىلىدىغان ئىشنى ياخشى قىلىپ، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، يېڭى يىلدا يېڭى ھالەت ۋە يېڭى سەھىپە ئېچىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يېقىندا «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىسىدا دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتكە كۈچلۈك ئۈلگە كۆرسىتىپ، پۈتۈن پارتىيەگە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى. يېڭى يىلنىڭ بېشىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىشتىكى مەقسىتىمىز − «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى يىلدىكى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات ۋە سەھىپە ئېچىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش − بۇ يىلقى باش يېتەكچى ئىدىيە.

  يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتىكى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش»، تېز ئۆزگىرىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئالمىشىش ۋە قۇرۇلما ئەلالىشىشتەك يېڭى ئالاھىدىلىكلەرگە ماسلىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەلەپ قىلغان «ئۈچ شەرت»، «ئونغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش»نى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇش؛ مۇقىم ۋەزىيەتتىكى «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش» ھالىتىگە ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدىغان يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مەنبەدىن تۈزەپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ ۋە ئومۇمىي جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، يېڭى روھىي ھالەت، ئىستىل ۋە قىياپەت بىلەن يېڭى يىلنى ياخشى باشلاپ، يېڭى يىلدا يېڭىچە قەدەم ئېلىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەت ۋە سەۋىيەدە پۇختا ئىشلەپ، ھەقىقىي ئۈنۈم يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ سىجىل ھەم ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا، «ئۈچتە قەتئىي بولۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يېڭى ئىدىيە ۋە ھالەتكە ماسلىشىپ، بىر سەپتە بولۇشنى تەكىتلەپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، «ئۈچ كۈچ»نى ئاشۇرۇپ، قىلىدىغان ئىشنى ياخشى قىلىش كۆپچىلىككە قويۇلغان كونكرېت تەلەپ.

  يېڭى ئىدىيە ۋە ھالەت

  يېڭى نورمال ھالەتتە يېڭى ئىدىيە بولۇشى كېرەك: بىرىنچى، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى، جۈملىدىن تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، ماس تەرەققىي قىلىش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش؛ ئىككىنچى، يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نورمال ھالەت ئىدىيەسى بويىچە يېتەكلەش، جۈملىدىن تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، بارلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئىشقا سېلىپ، تېز ماسلىشىپ، پائال يېتەكلەش؛ ئۈچىنچى، تەمىنلەشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئىدىيەسىنى كۈچەيتىش، جۈملىدىن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەيدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ تۆتىنچى، «يەتتىدە چىڭ تۇرۇش» ئىدىيەسى، جۈملىدىن سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش، ئۆزگىرىش ياساش ۋە ئىسلاھ قىلىش، مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەرتىپى، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاپتونوم رايوننى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  يېڭى نورمال ھالەتتە يېڭى ھالەت بولۇشى، جۈملىدىن ئۆگىنىدىغان، ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، ئۆزگىرىش ياسايدىغان، ئىسلاھ قىلىدىغان، دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، «ئىككىدە تىرىشىدىغان» ھالەت بولۇشى كېرەك.

  بىر سەپتە بولۇشنى تەكىتلەش، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە بولۇش كېرەك. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيەنى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە توغرىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلەپلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىدىيە، ئىستراتېگىيە ۋە ئەخلاقتا قاتتىق تەمكىن بولۇپ، مۇستەھكەم سىياسىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە بىردەك بولۇپ، ھەرىكەتتە يۈكسەك ئاڭلىق بولۇش كېرەك.

  سىياسىي ۋە ئىستىل جەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش كېرەك. ئېتىقاد، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلىش، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە ئۆزىگە ھەقىقىي قاتتىق تەلەپ قويۇش؛ ئىنتىزامنى قانۇن ئالدىغا قويۇش، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، «پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانى»، «ئىنتىزام چارىسى نىزامى» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى بىر يۈرۈش قائىدە - نىزام ۋە تۈزۈملەرنى ئەستە چىڭ ساقلاپ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاخىرقى چەكنى ھەقىقىي ساقلاش كېرەك.

  خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە ئىشلەش كېرەك. خىزمەتتە «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھۈنەرۋەن روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، كەسىپلىشىش ۋە ئىنچىكە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە ھەم تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشنى كۆزلەش؛ ھەممىنى قارىقويۇقلا كۆچۈرۈپ كېلىش، ئەستايىدىل بولماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ھەر جەھەتتە ئۈلگە بولۇش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ۋە ھەر قايسى چوڭ بەنزىلەرنىڭ ئەزالىرىمۇ ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق قىلىش ۋە باشقىلارنى ئۆزى بىلەن بىر سەپتە بولۇشقا چاقىرىق قىلىش غەيرىتىگە كېلىپ، تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولىدىغان توغرا كەيپىياتى بىلەن پارتىيەلىك كادىرلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشى كېرەك.

  «ئۈچ كۈچ»نى ئاشۇرۇپ، قىلىدىغان ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  كۆڭۈل قويۇپ ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەم بۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭۈل قويۇش كېرەك؛

  ئەينەن ئىجرا قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ تەلىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىجرا قىلىش؛ ئۆزى بىلگەننى سۆزلىمەسلىك، ئۆزى بىلگەن يولغا ماڭماسلىق، خالىغانچە تاللىۋالماسلىق، ئۆزىگە پايدىلىقلىرىنى تاللاپ ئىجرا قىلماسلىق؛ خىزمەتلەرنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ۋەزىپە، نىشان ۋە مەسئۇلىيەتنى بېكىتىش كېرەك.

  بىر تۇتاش پىلانلاشقا ماھىر بولۇش كېرەك. كۆزلەش ۋە كۈچەش نۇقتىلىرىنى چۆرىدەپ، تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك؛

  ئۈنۈمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ھەممىدە ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئۈنۈم ئارقىلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش؛ ساختىلىق ۋە شەكىلۋازلىق قىلماسلىق كېرەك؛

  چارە - تەدبىرلىك بولۇش كېرەك. ھەرقانداق ئىشتا كۆڭلىدە سان بولۇپ، مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان ئۈنۈملۈك چارە - ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، شۇ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر