باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدىي ئەرەبىستان بىلەن ئىران دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى

نۇرغۇن دۆلەت ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا مۇراجەت قىلدى

2016.01.05 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۆرەتتە: 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىران پايتەختى تېھراندىكى سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىن قۇيۇق ئىس كۆتۈرۈلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدىي ئەرەبىستان دېپلوماتىيە ۋەزىرى 3-يانۋار سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ ئىران بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، بەھرەين، سۇدان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىقلارمۇ 4-يانۋار تۇشمۇ تۇشتىن ئىران بىلەن بولغان دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەنلىكىنى ياكى ئىككى دۆلەت دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روسىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ تۇشمۇ تۇشتىن سەئۇدىي ئەرەبىستان بىلەن ئىراننى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا مۇراجەت قىلدى.

  روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكى 4-يانۋار ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، روسىيەنىڭ ئىران، سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە پارىس قولتۇقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ۋەزىيەتنى مۇرەكككەپلەشتۈرىدىغان، ئاينىتىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتتىن ساقلىنىشقا جىددىي مۇراجەت قىلىدىغانلىقىنى، روسىيەنىڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدىكى مۇرەككەپ ئىختىلاپنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، روسىيەنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن لازىملىق بولغان ياردەملەرنى تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر