باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىغا 2015-يىل قىش پەسىللىك قىززىق نۇقتىلىق كىتابلار تەۋسىيەسى

2016.01.05 10:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىكى «ئومۇمىي خەلق ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش» ھەققىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىنى يەنىمۇ بەرپا قىلىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئومۇمىي جەمئىيەتنىڭ ئوقۇش ئىستىلىنىڭ شەكىللىنىشىنى يېتەكلەش ئۈچۈن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۇچۇر مەركىزى ۋە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى نەشىرىياتى 2015-يىلنىڭ ئاخىرىدا بىرلىشىپ «پارتىيە - ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىغا قىش پەسىللىك قىززىق نۇقتىلىق كىتابلار تەۋسىيەسى»نى ئېلان قىلدى.

  بۇ قېتىم تەۋسىيە قىلىنغان ئون كىتابنىڭ ئىچىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدىن ئۆگىنىش مۇھىم ئوقۇشلۇقىدىن باشقا يەنە، دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋە چەتئەللەردىكى مۇھىم يازغۇچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى بار. بۇ كىتابلار «قارىشى يۈكسەك، مەزمۇنى يېڭى، ئوقۇشچانلىقى كۈچلۈك» بولۇشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەسەرلەر يەنە بىر قىسىم رېئال ئېھتىياجلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئوقۇرمەنلەر جاۋابىغا ئېھتىياجلىق بولغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى. ئىشىنىمىزكى، بۇ كىتابلار دەل ئوقۇرمەنلەر يېنىدىن ئايرىماي ھەرۋاقىت ۋاراقلاپ تۇرۇشنى خالايدىغان، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئويلارغا چۆمىدىغان ئەسەرلەردۇر.

  1. «پارتىيە مەكتىپىدىكى 19 لېكسىيە»، شى جىنپىڭ يازغان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى نەشىرىياتى ئىچكى قىسىمدا تارقاتقان.

  2. «بىلىش ۋە قىلىش ھەققىدە 8 سۆھبەت: ئادەم بولۇش، ئىش قىلىش، ئەمەلدار بولۇش»، ليۇ شىشىن يازغان، جۇڭگو مۇھىت پەنلەر نەشىرىياتى

  3. «تارىخنىڭ ساۋىقى» ۋىل دۇرانت يازغان، جۇڭگو فاڭجېڭ نەشىرىياتى

  4. «مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوچۇق دەرسى (بىرىنچى لېكسىيە)» مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئۇچۇر مەركىزى تۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى نەشىرىياتى

  5. «ياخشى ماقالە <تاۋلىنىپ> چىقىدۇ» شۈ خەيچىڭ يازغان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى نەشىرىياتى

  6. «رېن يەنشېننىڭ سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش ھېسلىرى» رېن يەنشېن يازغان، جياڭسۇ خەلق نەشىرىياتى

  7. «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يادرولۇق قىممىتى: جۇڭگو ئەنئەنىۋىي پەنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئەنئەنىۋىي قىممەت قارىشى» چېن لەي تۈزگەن، تۇرمۇش- ئوقۇش- يېڭى بىلىم بىرلەشمە كىتابخانىسى

  8. «جۇڭگو تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن 10 پارچە سىياسىي نەسىر»، لياڭ خېڭ تۈزگەن، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى

  9. «دۇنيانىڭ تەرتىپى»، [ئامېرىكا] ھېنرى كىسسىنگېر يازغان، جوڭشىن نەشىرىياتى

  10. «ماۋ زېدوڭ تەرجىمىھالى»، [روسىيە] ئالېكساندىر پەنزوف، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر