باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ ئۆي - مۈلۈك بېجى ئازايتىلىدۇ

2016.01.04 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «گوۋۇيۈەننىڭ تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تەنتەربىيە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىرقانچە پىكرى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىكى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تەنتەربىيە مەيدان - سارايلار ئىشلىتىدىغان ئۆي - مۈلۈك ۋە زېمىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۆي- مۈلۈك بېجى ۋە شەھەر - بازار يەر ئىشلىتىش بېجى سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن، دۆلەت ئورگانلىرى، ئارمىيە، خەلق ئۇيۇشمىسى، مالىيە تولۇقلىما ياردىمى بېرىلىدىغان كەسپىي ئورۇنلار، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىقلار ئىگىدارلىقىدىكى تەنتەربىيە مەيدان - سارايلىرىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىدىغان ئۆي - مۈلۈكلەردىن ئۆي - مۈلۈك بېجى ۋە شەھەر - بازار يەر ئىشلىتىش بېجى ئېلىنمايدۇ؛ خىراجىتىدە ئۆزىگە تايىنىدىغان كەسپىي ئورگانلار، تەنتەربىيە ئىجتىمائىي ئۇيۇشمىلىرى، تەنتەربىيە تۈرىدىكى خۇسۇسىيلار قۇرغان كارخانا ئەمەس ئورۇنلار ئىگىدارلىقىدا يۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇۋاتقان، جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش ھەمدە كەلگەن كىرىمى ئاساسلىقى مەيدان -سارايلارنى ئاسراش، باشقۇرۇش شەرتىگە چۈشىدىغان تەنتەربىيە مەيدان - سارايلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىدىغان ئۆي - كۈلۈك، يەرلىرىگە قارىتا ئۆي - مۈلۈك بېجى ۋە شەھەر -بازار يەر ئىشلىتىش بېجى ئېلىنمايدۇ؛ كارخانىلار ئىگىدارلىقىدا يۈرۈشتۈرۈلۈپ باشقۇرۇلۇۋاتقان ھەمدە ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن، بەلگىلەنگەن كۆلەمگە يەتكەن تەنتەربىيە مەيدانلىرى (تاماشىبىنلار ئورۇن سانى 20مىڭدىن يۇقىرى بولغان)، تەنتەربىيە سارىيى (تاماشىبىنلار ئورۇن سانى ئۈچمىڭدىن يۇقىرى بولغان) قاتارلىق تەنتەربىيە قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىدىغان ئۆي -مۈلۈك، يەر -زېمىنلىرىنىڭ ئۆي- مۈلۈك بېجى ۋە شەھەر-بازار يەر ئىشلىتىش بېجىنىڭ يېرىمى ئازايتىلىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر