باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئارگېنتىنا: مالۋىناس تاقىم ئارىلىغا ئىگىلىك ھوقۇقىمىز بار تەكىتلىدى

2016.01.05 12:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئارگېنتىنانىڭ مالۋېناس تاقىم ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەپ، مالۋېناس ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيەنىڭ سۆھبەتنى قايتا باشلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ يىل 3-يانۋار ئەنگلىيە مالۋېناس تاقىم ئارىلىنى ئىگىلىۋالغانلىقىنىڭ 183 يىللىق خاتىرە كۈنى، ئارگېنتىنا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى ئارگېنتىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ ئارالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى زېمىنلار ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىگە زۆرۈر ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. ئەنگلىيە 1833-يىلى مالۋېناس تاقىم ئارىلىنى ئىگىلىۋالغاندىن بۇيان ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنانىڭ بۇ ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسى داۋاملىشىپ كەلدى. 1982-يىلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مالۋېناس ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىدە ئۇرۇش پارتلاپ، ئەڭ ئاخىردا ئەنگلىيەنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشتى. ئارگېنتىنا ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئىزچىل بۇ ئارالغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمىدى، ئەنگلىيە بولسا ئارگېنتىنا بىلەن ئىگىدارلىق ھوقۇقى مەسىلىسىدە سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر