- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«مىللەتلەر رەسىملىك ژورنىلى» تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەندى
2015.10.23 13:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 22-ئۆكتەبىر مىللەتلەر رەسىملىك ژورنىلى بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «مىللەتلەر رەسىملىك ژورنىلى» تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ھەمدە ژورنال تەسىس قىلىغانلىقىنىڭ 60 يىللىق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. 1955-يىلى 2-ئايدا رەسمىي تەسىس قىلىنغان «مىللەتلەر رەسىملىك ژورنىلى» دۆلەت مىللەتلەر كومىتېتى باشقۇرۇشىدىكى ۋەزىيەت تۈرىدىكى ئۇنىۋېرسال ئايلىق ژورنال بولۇپ، زوڭلى جوۋئېنلەي ژورنال ئىسمىنى يېزىپ بەرگەن. «مىللەتلەر رەسىملىك ژورنىلى» دۇنيادىكى بىردىنبىر مەركىزىي ھۆكۈمەت شۇ دۆلەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن تەسىس قىلغان دۆلەت دەرىجىلىك رەسىملىك ژورنال.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر